قۇرئان كەرىم » ئۇيغۇرچە » سۈرە تەلاق
ئۇيغۇرچە
كىتابلار
- ھەقىقەتنىڭ ئېلانىھەقىقەتنىڭ ئېلانى, ناملىق بۇ كىتاب مۇندىن يۈز يىل ئىلگىرى ھىندۇستانلىق ئالىم رەھمەتۇللاھ ھىندىي دېگەن كىشىنىڭ قەلىمى بىلەن يېزىلغان 4 توملۇق كىتاب بولۇپ، تەۋرات ، ئىنجىل ۋە قۇرئان ھەققىدە تەپسىلى توختۇلۇپ، يەھۇدىي ۋە خرىستىئان مۇرتلىرىنىڭ سەپسەتىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ھازىرقى كىتابلىرىنىڭ باتىل ئىكەنلىكىنى كۈچلۈك دەلىل-پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ كىتاب كېيىنچە 1تومغا قىسقارتىلغان. ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ئەنە شۇ قىسقارتىلغان ئاخىرقى نۇسخىسىغا ئاساسەن ياش تەرجىمان دىنى زىيالى ژورنالىست مۇھەممەد يۇسۇپ ئەپەندىم تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىندى.
يازما : شەيىخ رەھمەتۇللاھ ھىندۈستانى - مۇھەممەد ئەھمەد مەلكاۋى
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم
Source : http://www.islamhouse.com/p/50694
- ئۆمۈچۈكنىڭ ئۆيى«ئۆمۈچۈكنىڭ ئۆيى»بۇ كىتاپ ئۆمۈچۈكنىڭ ئۆي ياسىشىغا دائىر قۇرئاندىكى ئىلمى مۆجىزىلەرنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.ئاللاھ تائالانىڭ ئۆمۈچۈكنى مىسالغا ئېلىشى، ئۆزىدىن باشقا تاش،ھايۋانات،ئۆسۈملۈك،ئۆلگەن ۋە ھايات ئىنسانلارغا ھاجەتلىرىنى راۋا قىلىشىنى ئۈمۈت قىلغان ئاساستا چوقۇنغۇچى ئىنسانلارغا قارىتا كەلتۇرگەن بەدىئى ئوخشۇتۇش ئىكەنلىكى قاتارلىقلارنى ئىلمىي ئاساستا ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە ئاللاھنىڭ ۋەھدانىيىتىگە چاقىرىدۇ.
يازما : ئەبۇلمۇنزىر خەلىل ئىبراھىم ئەمىن
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : ئا.قارلۇقى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org
Source : http://www.islamhouse.com/p/66472
- يېڭى ئۇسلۇبتىكى ھەنەفىي فىقھىسى«يېڭى ئۇسلۇبتىكى ھەنەفى فىقھىسى» ناملىق بۇ كىتاب، دىنىي ھاياتىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ھەنەفىي مەزھىبىنىڭ دىنىي چۈشەنچە ۋە مېتودلىرىغا كۆرە ئورۇندايدىغان خەلقىمىز ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بىر مەنبە ھېسابلىنىدۇ. گەرچە خەلقىمىز ھەنەفىي مەزھىبىنىڭ كۆرسەتملىرىگە ئاساسەن دىنىي مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ھازىرغىچە نىسبەتەن تولۇق شەكىلدە يېزىلغان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىرەر پارچە فىقھى كىتابى يوق ئىدى. جانابى ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە خەلقىمىزنىڭ دۇئاسى سايىسىدا ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى بۇ كىتابنىڭ روياپقا چىقىشى ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە كۈچ چىقاردى. بۇ ئەسەر 4000 بەتتىن ئارتۇق ھەجىمگە ئىگە بولۇپ جەمئىي 5 توم، كىتابنىڭ 1- قىسمى: ئىبادەتكە دائىر مەسىلىلەر. 2-قىسمى: كۈندىلىك تۇرمۇشقا ئالاقىدار ھۆكۈملەر. 3-قىسمى: قانۇن ۋە ئىجرا قىلىشقا ئالاقىدار ھۆكۈملەر. 4-قىسمى: مۇئامىلە ۋە ئېلىم-بېرىمگە ئائىت مەسىلىلەر. 5-قىسمى: تۇرمۇشتا كۆپ ئۈچرايدىغان ھەر-تۇرلىك فىقھى مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
يازما : شەيخ ئابدۇلھەمىد مەھمۇد تاھماز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ئا.قارلۇقى - ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : مۇھەممەد ئابدۇللاھ قارى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى
Source : http://www.islamhouse.com/p/338896
- حكم الاستغاثة بالأولياء-
Source : http://www.islamhouse.com/p/2296
- ھەدىس قۇددۇس ۋە ئەڭ ئىشەنچلىك مۇتەۋاتىر ھەدىسلەر توپلىمى«ھەدىس قۇددۇس ۋە ئەڭ ئىشەنچلىك مۇتەۋاتىر ھەدىسلەر توپلىمى» ناملىق بۇ ئەسەر 392 ھەدىس شېرىپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، پايدىلانغۇچىلارغا قولاي بولسۇن ئۈچۈن ئىمام سۇيۇتى رەھىمەھۇللاھ بارلىق ھەدىس قۇددۇس ۋە مۇتەۋاتىر ھەدىسلەرنى رەتلەپ چىققان. تەرجىماننىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن كىتابنىڭ باش قىسمىغا ھەدىس ئاتالغۇلىرىنىڭ ئۆلچەملىك پەرقى ۋە ھەدىس ئىلمىغا دائىر بىر قىسىم ئۈچۈرلار قوشۇلغان بۇ قىممەتلىك ئەسەر www.xjislam.com ناملىق تور بېكىتى گورۇپپىسى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ ئەسەرنىڭ ئىلمى قىممىتىنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا بېكىتىمىزدە ئىلان قىلدۇق.
يازما : ئىمام جالالىددىن سۇيۇتىي رەھىمەھۇللاھ
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى
Source : http://www.islamhouse.com/p/316487












