قۇرئان كەرىم » ئۇيغۇرچە
كىتابلار
- ئىسلام دىنىنى ئومۇمى تونۇشتۇرۇش«ئىسلام دىنىنى ئومۇمى تونۇشتۇرۇش»ناملىق بۇ ئەسەر ئىسلام دىنىنى ئەڭ ئاسان ئۇسۇل بىلەن چۇشەندۇرۇپلا قالماي؛بەلكى ئىسلامنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى مۆمىن قەلبىدە ئۇرغۇتقۇسى.بۇ كىتاب ئۆزگىچە ئۇسلۇبى بىلەن ھەر-خىل شەيتانى خىياللارغا قانائەتلىنەرلىك ئەقلى دەلىل ۋە قۇرئان كەرىم ، ساغلام ھەدىسلەرنىڭ روھى بىلەن ئىلمى ئاساستا ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
يازما : ئەلى تەنتاۋى - ئەلى تەنتاۋى
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : ئىسلام جان ئۇيغۇرى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org
Source : http://www.islamhouse.com/p/70722
- ئىسلام تەلىماتى«ئىسلام تەلىماتى» بۇ ئەسەر كەڭ مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ چۈشۇنىشى قولاي بولسۇن ئۈچۈن سۇئال - جاۋاپ ئۇسلۇبى بىلەن تەييارلانغان بولۇپ، ئىنسان ھاياتىدا بىلىشى زۆرۈر دەپ قارالغان بەزى بىر مۇھىم مەسىلىلەرنى، مەيلى ئۇ ئەقىدىگە ئائىت ۋەياكى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى پىقھى مەسىلىلەرگە ئائىت بولسۇن قۇرئان ۋە ھەدىسگە تايانغان ئاساستا، ئۇ مەسىلىلەرنى ئوقۇرمەنلەرگە ئۈچۈق يورۇتۇپ بېرىدۇ.
يازما : مۇپتى مۇھەممەد كىپايىتۇللاھ
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : ئەبۇ ئالىيە
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org
Source : http://www.islamhouse.com/p/73275
- مۇناپىقلارنىڭ سۈپەتلىرىبۇ كىتاپ ئىمام ئىبنى قەييىم ئەلجەۋزىييە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ «مەدارىجۇسسالىكىين»ناملىق ئەسىرىدىن "مۇناپىقلىق" دېگەن بۆلۈمنىڭ تەرجىمىسى بولۇپ، ئاپتور ئەسىرىدە مۇناپىقلىقنىڭ شەخس ۋە جەمئىيەتكە كەلتۈرىدىغان خەتىرى، مۇناپىقلىقنىڭ تۈرلىرى، مۇناپىقنىڭ سۈپەتلىرى، شۇنداقلا ئەقىدىسىگە، مىللىتىگە، ۋەتىنىگە خائىنلىق قىلغان مۇناپىقلار دۇنيادا خار بولسا، ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ دەھشەتلىك ئازابىغا ئۇچرايدىغانلىقى توغرىسىدا قۇرئان ۋە سۈننەت روھى بىلەن تەپسىلى چۇشەنچە بېرىدۇ.
يازما : ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى
تەرجىمە قىلغۈچى : مەرھۇم ئابدۇللاھ روزى داموللا ھاجىم
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئىسلام نۇرى تور بېكىتى http://www.islamnuri.info
Source : http://www.islamhouse.com/p/218413
- ساھابىلار ھاياتىدىن تاللانمىلار«ساھابىلار ھاياتىدىن تاللانمىلار» ناملىق بۇ ئەسەر ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن ئاتمىش كىشىنىڭ تەرجىمىھالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇ ساھابىلارنىڭ، ئۆلگىلىك ئىش-ئىزلىرى، ئىمانى ۋە ئىنسانى ئالاھىدىلىكلىرى، دىننى قوغداش ۋە تارىتىش يولىدا كورسەتكەن پىداكارلىقلىرى... قاتارلىقلارنى تەسۋىرلەپ بىرىدۇ.
يازما : دوكتۇر ئابدۇراھمان رەئپەت پاشا
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : ئىسلام جان ئۇيغۇرى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org
Source : http://www.islamhouse.com/p/52882
- دىنىمنى ئۆگۇنىمەن«دىنىمنى ئۆگۇنىمەن» ناملىق بالىلار ئۈچۈن تەييارلانغان بۇ ئەسەر سۇرەتلىك كىتاپ بولۇپ، بالىلار تىلى بىلەن ياش ئوسمۇرلەرنىڭ دىنى ۋە ئەخلاقى چۇشەنچىسىنى يىتەكلەشتە تۈرتكۈلۇك رول ئوينىغۇسى.بۇ كىتاپ 2 قىسىمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ،1-قىسمىدا، ئىماننىڭ ئاساسلىرى ۋە ئۇنىڭ شەرتلىرى توغرىسىدا تەپسىلى ۋە قىزىقارلىق ھىكايىلەر، سوئال-جاۋاپ ئۇسلۇبى بىلەن ئوسمۇرلەر چۇشەنچىسىگە ماس ھالدا بايان قىلىنىدۇ.2- قىسمىدا، ئىسلامنىڭ ئاساسلىرى ۋە ئۇنىڭ شەرتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئوسمۇرلەرگە تەلىم بىرىش مۇھىم دەپ قارالغان دىنى ئەھكاملارنى سوئال-جاۋاپ شەكلىدە ۋە قىزىقارلىق بالىلار ھىكايىلىرى بىلەن تەپسىلى چۇشەنچە بىرىدۇ.
يازما : مۇرشىدە ئۇيسال خانىم
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : ئا.مەجىد
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org
Source : http://www.islamhouse.com/p/58616












