ئۇيغۇرچە - سۈرە زەلزەلە - قۇرئان كەرىم

قۇرئان كەرىم » ئۇيغۇرچە » سۈرە زەلزەلە

اختر القاريء


ئۇيغۇرچە

سۈرە زەلزەلە - عدد الآيات 8
إِذَا زُلْزِلَتِ الْأَرْضُ زِلْزَالَهَا ( 1 ) زەلزەلە - الآية 1
زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەندە،
وَأَخْرَجَتِ الْأَرْضُ أَثْقَالَهَا ( 2 ) زەلزەلە - الآية 2
زېمىن (قوينىدىكى) يۈكلىرىنى (يەنى مەدەنلەر، ئوتلار، ئۆلۈكلەرنى) چىقارغاندا،
وَقَالَ الْإِنسَانُ مَا لَهَا ( 3 ) زەلزەلە - الآية 3
ئىنسان (يەنى كاپىر) ئۇنىڭغا (يەنى زېمىنغا): «نېمە بولدى؟» دېگەندە،
يَوْمَئِذٍ تُحَدِّثُ أَخْبَارَهَا ( 4 ) زەلزەلە - الآية 4
بۇ كۈندە زېمىن ئۆزىنىڭ خەۋەرلىرىنى (يەنى ئۇنىڭ ئۈستىدە ئىشلەنگەن ياخشى - يامان ئىشلارنى) مەلۇم قىلىدۇ
بِأَنَّ رَبَّكَ أَوْحَىٰ لَهَا ( 5 ) زەلزەلە - الآية 5
(ئۇنىڭ مەلۇم قىلىشى) پەرۋەردىگارىنىڭ ئۇنى شۇنداق قىلىشقا ئەمر قىلغانلىقىدىندۇر
يَوْمَئِذٍ يَصْدُرُ النَّاسُ أَشْتَاتًا لِّيُرَوْا أَعْمَالَهُمْ ( 6 ) زەلزەلە - الآية 6
بۇ كۈندە كىشىلەر قىلغان ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈش (يەنى نەتىجىسىگە ئېرىشىش) ئۈچۈن توپ - توپ بولۇپ تارىلىپ كېتىدۇ
فَمَن يَعْمَلْ مِثْقَالَ ذَرَّةٍ خَيْرًا يَرَهُ ( 7 ) زەلزەلە - الآية 7
كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ
وَمَن يَعْمَلْ مِثْقَالَ ذَرَّةٍ شَرًّا يَرَهُ ( 8 ) زەلزەلە - الآية 8
كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ

كىتابلار

  • ئىسلامدىكى سىياسى تۈزۈم«ئىسلامدىكى سىياسى تۈزۈم» ناملىق بۇ ئەسەردە، دىنسىزلىق، دۇنياپەرەسلىك ھۆكۈم سۇرگەن، سكولارىزىم ھەركىتى ئەۋىج ئىلىۋاتقان بۇگۇنكى كۈندە ئىسلام دىنىنىڭ ماھېيىتىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى پۈتۈن ئىشلارغا ئارىلىشىش سالاھىيىتىنىڭ مۇتلەق ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىش ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ئىمانى مەجبۇرىيىتى ئىكەنلىكىنى تەپسىلى بايان قىلىدۇ.

    يازما : مۇھەممەد ئابدۇلقادىر ئەبۇ پارىس

    تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى

    تەرجىمە قىلغۈچى : ئۆمەر مۇھسىن - ئۆمەر مۇھسىن

    Source : http://www.islamhouse.com/p/52775

    التحميل :ئىسلامدىكى سىياسى تۈزۈم

  • حكم الاستغاثة بالأولياء-

    Source : http://www.islamhouse.com/p/2296

    التحميل :حكم الاستغاثة بالأولياء

  • روزىغا ئالاقىدار ئەھكاملارروزىغا ئالاقىدار ئەھكاملار ناملىق بۇ رىسالىدە، رامىزان روزىسى ۋە نەپلە روزىلارغا دائىر بولغان بارلىق ئەھكاملار، روزىنىڭ ۋاجىب ۋە شەرتلىرى، سۈننەت ۋە مۇستەھەبلىرى، تەراۋىھ نامىزى، ئېتىكاپ ۋە سەدىقە پىتىر قاتارلىق رامىزان ئېيىدىكى مۇھىم ئەمەللەرنى قۇرئان سۈننەتنىڭ روھىغا ئۇيغۇن ھالدا تەپسىلى بايان قىلىپ بېرىدۇ.

    يازما : مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم

    تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى

    نەشرى ماتىرياللىرىدىن : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com

    Source : http://www.islamhouse.com/p/364897

    التحميل :روزىغا ئالاقىدار ئەھكاملارروزىغا ئالاقىدار ئەھكاملار

  • ئىسلام ئەقىدىسىدىن ساۋات«ئىسلام ئەقىدىسىدىن ساۋات» ناملىق بۇ ئەسەردە، ئىنسان قانداق قىلغاندا ھەقىقى مۆمىن بولالايدىغانلىقى، مۇسۇلماننى ئىسلام دىنىدىن چېقىرىدىغان ئامىللار، ئاللاھقا ئىمان كەلتۇرۇش،پەرىشتىلەرگە ئىمان كەلتۇرۇش،سەماۋى كىتاپلارغا ئىمان كەلتۇرۇش، پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۇرۇش،قىيامەتنىڭ بولىشىغا ئىمان كەلتۇرۇش، ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن بولىشىغا ئىمان كەلتۇرۇش،ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشكە ئىمان كەلتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى قۇرئان ۋە سۈننەتكە تايىنىپ تۇرۇپ ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

    يازما : مۇھاجىرى

    تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى

    نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org

    Source : http://www.islamhouse.com/p/73098

    التحميل :ئىسلام ئەقىدىسىدىن ساۋات

  • ئىز باسار تۆت خەلىپە«ئىز باسار تۆت خەلىپە » ناملىق بۇ ئەسەر ئەبۇبەكرى سىددىق، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب، ئوسمان ئىبنى ئەففان، ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) قاتارلىق پەزىلەتلىك تۆت ساھابىنىڭ ھاياتى ۋە ئىش ئىزلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ خەلىپىلىك دەۋرىدىكى ئىسلامغا قوشقان تۆھپىلىرى، دىن تارقىتىش يولىدا كۆرسەتكەن پىداكارلىق روھلىرى قاتارلىقلارنى جانلىق تەسۋىرلەپ بېرىدۇ.

    يازما : مەھمۇد شاكىر

    تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى

    تەرجىمە قىلغۈچى : سابىرجان

    نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى

    Source : http://www.islamhouse.com/p/71603

    التحميل :ئىز باسار تۆت خەلىپەئىز باسار تۆت خەلىپە