ئۇيغۇرچە - سۈرە تىن - قۇرئان كەرىم
اختر القاريء


ئۇيغۇرچە

سۈرە تىن - عدد الآيات 8
وَالتِّينِ وَالزَّيْتُونِ ( 1 ) تىن - الآية 1
ئەنجۈر بىلەن ۋە زەيتۇن بىلەن قەسەمكى،
وَطُورِ سِينِينَ ( 2 ) تىن - الآية 2
سىنا تېغى بىلەن قەسەمكى،
وَهَٰذَا الْبَلَدِ الْأَمِينِ ( 3 ) تىن - الآية 3
بۇ تىنچ شەھەر (يەنى مەككە مۇكەررەمە) بىلەن قەسەمكى،
لَقَدْ خَلَقْنَا الْإِنسَانَ فِي أَحْسَنِ تَقْوِيمٍ ( 4 ) تىن - الآية 4
بىز ئىنساننى شەك - شۈبھىسىز ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە ياراتتۇق
ثُمَّ رَدَدْنَاهُ أَسْفَلَ سَافِلِينَ ( 5 ) تىن - الآية 5
ئاندىن ئۇنى (چىرايلىق ياراتقانلىق نېمىتىمىزگە شۈكۈر قىلماي ئاسىيلىق قىلغانلىقتىن) دوزاخقا قايتۇردۇق
إِلَّا الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ فَلَهُمْ أَجْرٌ غَيْرُ مَمْنُونٍ ( 6 ) تىن - الآية 6
پەقەت ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. بۇلارغا ئۈزۈلمەس ساۋاب بېرىلىدۇ
فَمَا يُكَذِّبُكَ بَعْدُ بِالدِّينِ ( 7 ) تىن - الآية 7
(ئى ئىنسان!) بۇنىڭدىن كېيىن (يەنى روشەن دەلىللەر بايان قىلىنغاندىن كېيىن) يەنە نېمىشقا قىيامەتنى ئىنكار قىلىسەن؟
أَلَيْسَ اللَّهُ بِأَحْكَمِ الْحَاكِمِينَ ( 8 ) تىن - الآية 8
اﷲ ئەڭ ئادىل ھۆكۈم قىلغۇچى ئەمەسمۇ؟

كىتابلار

  • بىدئەتكە قارشى تۇرۇپ سۈننەتنى قوغدايلى«بىدئەتكە قارشى تۇرۇپ سۈننەتنى قوغدايلى» ناملىق بۇ ئەسەردە، كەڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا ئومۇملىشىپ كەتكەن، دىن بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىغان، ئىبادەت ۋەياكى ساۋاپ بولىدۇ دېگەن ئۇقۇم بىلەن، جەمئىيىتىمىزدە بۇگۇنكى قەدەر داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان بەزى بىر مەسىلىلەرنى ئەتراپلىق ئانالىز قىلىش بىلەن بىرگە، جەمئىيەتتىكى بەزى بىر ناشايان ئىشلارغا شەرىئەتنىڭ قانداق قارايدىغانلىقىغىمۇ يەر بېرىلگەن. ئىسلامدا سۈننەتنىڭ ئورنى ۋە ئۇنىڭ ئەھمېيىتى قاتارلىقلارنى قۇرئان ۋە ساغلام ھەدىسلەرگە ئاساسلىنىپ بايان قىلىپ بېرىدۇ.

    يازما : قارچۇغا

    تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى

    نەشرى ماتىرياللىرىدىن : http://www.munber.org

    Source : http://www.islamhouse.com/p/52926

    التحميل :بىدئەتكە قارشى تۇرۇپ سۈننەتنى قوغدايلى

  • ئىسلام دىنىنى ئومۇمى تونۇشتۇرۇش«ئىسلام دىنىنى ئومۇمى تونۇشتۇرۇش»ناملىق بۇ ئەسەر ئىسلام دىنىنى ئەڭ ئاسان ئۇسۇل بىلەن چۇشەندۇرۇپلا قالماي؛بەلكى ئىسلامنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى مۆمىن قەلبىدە ئۇرغۇتقۇسى.بۇ كىتاب ئۆزگىچە ئۇسلۇبى بىلەن ھەر-خىل شەيتانى خىياللارغا قانائەتلىنەرلىك ئەقلى دەلىل ۋە قۇرئان كەرىم ، ساغلام ھەدىسلەرنىڭ روھى بىلەن ئىلمى ئاساستا ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

    يازما : ئەلى تەنتاۋى - ئەلى تەنتاۋى

    تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى

    تەرجىمە قىلغۈچى : ئىسلام جان ئۇيغۇرى

    نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org

    Source : http://www.islamhouse.com/p/70722

    التحميل :ئىسلام دىنىنى ئومۇمى تونۇشتۇرۇش

  • قۇرئان كەرىم ھەقىقەت«قۇرئان كەرىم ھەقىقەت» ناملىق بۇ كىتاپ ئىلىم- پەننىڭ ھەر-خىل ساھەلىرىدە ئىختىساسلاشقان 14ئىلىم پەن خادىملىرى بىلەن بولغان، ئىلمى سۆھبەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ سۆھبەتنىڭ مۇددىئاسى ئىسلام دىنىنىڭ ئىنسانىيەتنى ئىلىم-مەرىپەت ئۇگۇنىشكە پائال تەشەببۇس قىلغانلىقى ۋە تەبىئى پەن ھەقىقەتلىرى بىلەن ئىسلام دىنى ئوتتۇرىسىدا ئاتالمىش «توقۇنۇش»نىڭ ھەزگىزمۇ يوقلىقىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، قۇرئان كەرىمنىڭ بەزى ئايەتلىرى 1400يىل ئىلگىرى ئىشارەت قىلىپ ئوتكەن ئىلمى ھەقىقەتلەر بىلەن تونۇشۇپ چىقىشتىن ئىبارەت.

    يازما : شەيخ ئابدۇلمەجىد زەندانى

    تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى

    تەرجىمە قىلغۈچى : ئەبۇ ئەكرەم ئەھمەد

    نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org

    Source : http://www.islamhouse.com/p/53003

    التحميل :قۇرئان كەرىم ھەقىقەت

  • مۇناپىقلارنىڭ سۈپەتلىرىبۇ كىتاپ ئىمام ئىبنى قەييىم ئەلجەۋزىييە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ «مەدارىجۇسسالىكىين»ناملىق ئەسىرىدىن "مۇناپىقلىق" دېگەن بۆلۈمنىڭ تەرجىمىسى بولۇپ، ئاپتور ئەسىرىدە مۇناپىقلىقنىڭ شەخس ۋە جەمئىيەتكە كەلتۈرىدىغان خەتىرى، مۇناپىقلىقنىڭ تۈرلىرى، مۇناپىقنىڭ سۈپەتلىرى، شۇنداقلا ئەقىدىسىگە، مىللىتىگە، ۋەتىنىگە خائىنلىق قىلغان مۇناپىقلار دۇنيادا خار بولسا، ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ دەھشەتلىك ئازابىغا ئۇچرايدىغانلىقى توغرىسىدا قۇرئان ۋە سۈننەت روھى بىلەن تەپسىلى چۇشەنچە بېرىدۇ.

    يازما : ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى

    تەرجىمە قىلغۈچى : مەرھۇم ئابدۇللاھ روزى داموللا ھاجىم

    نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئىسلام نۇرى تور بېكىتى http://www.islamnuri.info

    Source : http://www.islamhouse.com/p/218413

    التحميل :مۇناپىقلارنىڭ سۈپەتلىرىمۇناپىقلارنىڭ سۈپەتلىرى

  • ئىسلام ئىقتىسادشۇناشلىقى ھەققىدە تەتقىقات«ئىسلام ئىقتىسادشۇناشلىقى ھەققىدە تەتقىقات» ناملىق بۇ ئەسەر ئىسلام ئىقتىسادشۇناشلىقى ھەققىدە ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان تۈنجى ئەسەر بولۇپ ھىساپلىنىدۇ، بۇ ئەسەردە ئىسلام قانۇنىنىڭ پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى، ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارنى ئىقتىسادى ئىگىلىك تىكلەشكە تەرغىپ قىلىدىغانلىقى ۋە شۇنداقلا ئىقتىسادشۇناشلىققىمۇ ئىسلام قانۇنىدا ئالاھىدە يەر بىرىلگەنلىكى... قاتارلىقلارنى قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئۇيغۇن ھالدا ئىلمى ئۇسۇل بىلەن ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

    يازما : دوكتۇر مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجى

    تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى

    تەرجىمە قىلغۈچى : مۇھەممەد ئەمىن

    Source : http://www.islamhouse.com/p/52891

    التحميل :ئىسلام ئىقتىسادشۇناشلىقى ھەققىدە تەتقىقات