قۇرئان كەرىم » ئۇيغۇرچە » سۈرە مۇتەپپىپىن
ئۇيغۇرچە
كىتابلار
- قۇرئان كەرىمنىڭ ئۈيغۇرچە تەرجىمىسى«قۇرئان كەرىمنىڭ ئۈيغۇرچە تەرجىمىسى» بۇ تەرجىمە ئۇيغۇر خەلقى بىلەن تۈنجى يۇز كۆرۇشكەن قۇرئان كەرىمنىڭ تولۇق تەرجىمىسى بولۇپ ھەر ساھەدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەلۇم دەرىجىدە قۇرئان ئىلىملىرىغا بولغان ئىھتىياجىنى قاندۇرۇپ كەلمەكتە.
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : مۇھەممەد سالىھ قاراجىم
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : پادىشاھ پەھەدنىڭ قۇرئان كەرىم بېسىپ تارقىتىش ئورگىنى
Source : http://www.islamhouse.com/p/1501
- ئىسلامدىكى سىياسى تۈزۈم«ئىسلامدىكى سىياسى تۈزۈم» ناملىق بۇ ئەسەردە، دىنسىزلىق، دۇنياپەرەسلىك ھۆكۈم سۇرگەن، سكولارىزىم ھەركىتى ئەۋىج ئىلىۋاتقان بۇگۇنكى كۈندە ئىسلام دىنىنىڭ ماھېيىتىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى پۈتۈن ئىشلارغا ئارىلىشىش سالاھىيىتىنىڭ مۇتلەق ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىش ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ئىمانى مەجبۇرىيىتى ئىكەنلىكىنى تەپسىلى بايان قىلىدۇ.
يازما : مۇھەممەد ئابدۇلقادىر ئەبۇ پارىس
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : ئۆمەر مۇھسىن - ئۆمەر مۇھسىن
Source : http://www.islamhouse.com/p/52775
- قۇرئان كەرىمنىڭ سىرلىرىقۇرئان كەرىمنىڭ سىرلىرى، ناملىق بۇ كىتاپ ياش تەرجىمان ۋە مۇھەررىر ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد ئەپەندىمنىڭ تەرجىمىسى بولۇپ، بۇ كىتاپتا، قۇرئان كەرىمنىڭ بەزى سىرلىق تەرەپلىرى ئۇستىدىن ئىلىپ بىرىلغان تەتقىقاتلار، سۈرە ، ئايەت ۋە ھەرپلەرنىڭ ئىنساننىڭ ئەقلىنى لال قىلىدىغان ماتېماتىكىلىق سېستىم بىلەن تۇزۇلگەنلىكىنىڭ قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھنىڭ ھەق كىتابى ئىكەنلىكىگە دەلىل ئىسپاتلىقىنى ئىلگىرى سۇرىدۇ ۋە شۇنداقلا دىنغا ئىشەنمەيدىغان ماددى كۆز قاراشتىكى ئاتىزىمچىلارغا ئۇلار چۇشۇنىغان ئۇسلۇب بىلەن ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ھەق دىن ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
يازما : ئۆمەر چىلەك
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org
Source : http://www.islamhouse.com/p/50894
- مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى«مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى» ناملىق بۇ كىتاب دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن، ياۋرۇپا ئەللىرىدىمۇ كۆرىنەرلىك نەتىجەگە ئېرىشكەن ۋە غەيرى مۇسلىملار ئارىسىدىمۇ غۇلغۇلا قوزغىغان. بۇ كىتابتا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە كىلىپ چېقىشى، دۇنياغا كېلىشى ۋە ۋەھيى چۈشۈشتىن ئىلگىرىكى ھاياتى، ئەخلاقى ۋە پەيغەمبەر بولغاندىن كېيىنكى دىن تەشۋىقات پائالىيەتلىرى، ھېجرەت ۋە غازاتلىرى، ۋاپاتى قاتارلىق ئۇ زاتنىڭ ھاياتىغا ئائىت ئىشەنچىلىك مەلۇماتلارنى ھۆزۇرۇڭلارغا سۇنىدۇ.
يازما : ئەبۇبەكرى سىراجىددىن
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : سابىرجان
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org
Source : http://www.islamhouse.com/p/64945
- روزىغا ئالاقىدار ئەھكاملارروزىغا ئالاقىدار ئەھكاملار ناملىق بۇ رىسالىدە، رامىزان روزىسى ۋە نەپلە روزىلارغا دائىر بولغان بارلىق ئەھكاملار، روزىنىڭ ۋاجىب ۋە شەرتلىرى، سۈننەت ۋە مۇستەھەبلىرى، تەراۋىھ نامىزى، ئېتىكاپ ۋە سەدىقە پىتىر قاتارلىق رامىزان ئېيىدىكى مۇھىم ئەمەللەرنى قۇرئان سۈننەتنىڭ روھىغا ئۇيغۇن ھالدا تەپسىلى بايان قىلىپ بېرىدۇ.
يازما : مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
Source : http://www.islamhouse.com/p/364897